باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بەش تۈرلۈك «قاتتىق تەدبىر» قوللىنىپ، زور، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسىدۇ

2019.01.23 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ خاڭۋېي 22-يانۋار زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، بەش تۈرلۈك «قاتتىق تەدبىر» قوللىنىپ، زور، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقە يۈز بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۇ خاڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018-يىلى يۈز بەرگەن بەش چوڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇزۇن، ئېگىز دۆڭ يول قاتارلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىنى ئېنىقلاپ تۈزەش جايىدا بولماسلىق، يولۇچى-يۈك تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك، يېزىلاردىكى مىنىبوسلاردا بەلگىلىمىدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىش، سۈرئەت ئېشىپ كېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۇتقۇسى كەمچىل بولۇش، باشقۇرۇش ئاساسى روشەن ئاجىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر مەركەزلىك ئاشكارىلاندى، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئېغىر، مۈشكۈل.

  دۇ خاڭۋېي مۇنۇلار تەلەپ قىلدى: 2019-يىلى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىرىنچىدىن، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق ئالدىن پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەنبەنى، ئاساسنى، مۇداپىئەلىنىشنى تۇتۇپ، خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق تارماقلارنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈشنى ساقلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ياخشى قىلىپ، زور، پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر