باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېن بىلەن كۆرۈشتى

2019.01.22 15:53   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېن بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-يانۋار دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭنىڭ خۇن سېننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر جۇڭگو-كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىككى تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ئالاقە ھەمكارلىقنى ساقلىدى. ھازىر، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-كامبودژاغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات خەرىتىسىنى پىلانلاپ، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلار تەكىتلىدى: جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئىشىنىمىزكى باش ۋەزىر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كامبودژا چوقۇم دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرى جەھەتتە تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. جۇڭگو-كامبودژا ھازىرقى ئاساستا، سىياسەت، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت تۆت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيەسى، جايلارنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ب د ت، جۇڭگو __ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزملاردىكى ئالاقە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تېزلىتىشنى كامبودژانىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە، سودا، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق بەش چوڭ بۆلەكنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت، ساياھەت، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياشلار قاتارلىق ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…