ھاۋا ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ شىجىڭ دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن بىلياڭ پىروفېسسور (ئالدىنقى ئوڭدا) ھامىلىدار ئايالغا كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇ ئىچىدە تۆرەلگەن ھامىلىنى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلماقتا (20-يانۋار تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ھاۋا ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى شىجىڭ دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگودىكى كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇ ئىچىدە تۆرەلگەن تۇنجى بوۋاق يېقىندا بۇ دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ گېنېزىئولوگىيە بالىياتقۇ ئامىلى سەۋەبلىك ھامىلىدار بولماسلىقنى داۋالاش ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ساھەدە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى