باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېكسىكىدا يۈز بەرگەن نېفىت يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 73كە يەتتى

2019.01.21 14:08   مەنبە: خەلق تورى

مېكسىكىدا يۈز بەرگەن نېفىت يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 73كە يەتتى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، مېكسىكا ھىدالگو ئىشتاتىنىڭ تلاخۇلىلپان شەھىرىدە، نېفىت شىركىتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېكسىكا ھىدالگو ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر مېنېسېسنىڭ 19-يانۋار دېيىشىچە: بۇ ئىشتاتتا 18-يانۋار يۈز بەرگەن نېفىت يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 73كە يەتكەن بولۇپ، يەنە ئاز دېگەندە 75 ئادەم يارىلانغان.

  ھىدالگو ئىشتاتىنىڭ تلاخۇلىلپان شەھىرىدىكى بىر نېفىت يەتكۈزۈش ئەسلىھەسىدىن 18-يانۋار قانۇنسىز ئۇنسۇرلار نېفىت ئوغرىلىغان بولۇپ، ئارقىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە نەق مەيدانغا تەخمىنەن 600دىن 800گىچە ئامما يىغىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېكسىكىدا نېفىت ئوغرىلاش ھادىسىسى ئېغىر بولۇپ، مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زەربە بەرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…