باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپ لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ «ئىشتىن توختاپ قېلىش»نى ھەل قىلماقچى بولدى، دېموكراتلار پارتىيەسى بۇنى ئىلىك ئالمىدى

2019.01.21 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى قاتماللىقنى ھەل قىلىپ، قوشما شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشتىن توختاپ قېلىشى»غا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاق سارايدا قىسمەن كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش پىلانىنى ئاستىلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر لايىھەنى جاكارلىدى. بىراق دېموكراتلار پارتىيەسى دائىرىلىرى بۇنى ئىلىك ئالمىدى.

  تىرامپ ئوتتۇرغا قويغان لايىھەگە ئاساسەن، پولات توساق ياساش ئۈچۈن، ئۇ پارلامېنتتىن ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگرىسىدا پاسىل تام سېلىشقا بەش مىيارت 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجىرىتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇرەسسە سۈپىتىدە ترامپ لايىھەدە «بالىلىق چېغىىدا ئامېرىكا كەلگەنلەرنى قايتۇرۇشنى ئاستىلىتىش»پىلانىدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەرگە ئۈچ يىللىق ۋاقىتلىق سالاھىيەت بېرىشنى ئوتتۇرغا قويدى، نۆۋەتتە ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان كۆچمەنلەر بۇ مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

  پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پېلوسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تىرامپنىڭ لايىھەسى پەقەت بۇنىڭدىن ئىلگىرى رەت قىلىنغان بەزى تەكلىپلەرنىڭ يىغىندىسى، مەيلى يالغۇز بولسۇن ياكى بىرلەشتۈرۈلسۇن بۇنى قوبۇل قىلىش تەس، ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىشىدىن ئۈمىد يوق. ئۇ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: قوشما شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشىشى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئاقساراي بىلەن چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەكلىپى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر