خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان سۆھبەت يىغىنىدا، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر–تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، يەتتە ۋەكىل ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قارىتا پىكىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇمۇ خەلقنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ. سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. ھۆكۈمەتلەر خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى