باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.01.24 11:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىي، باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق بولۇپ، دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى نامايان قىلىنغان، ئۇ ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، ئىجادىي، ئەمەلىي، ياخشى دوكلات.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، بىرلىكىگە، قەدىمىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى قەلبكە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، قولدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش +3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق پايدىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قەتئىي ھالدا ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، زور كۈچ بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىلىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەڭ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئېتىقادتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىداردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر