خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي دوۋنىڭ كوچىسىدىكى 10 نومۇرلۇق باش ۋەزىر سارىيىدىن ئايرىلىپ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىغا باردى.
شۇ كۈنى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت ئىچىدىكى بەزى گۇرۇھلار بىلەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارلامېنت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش» كېلىشىمى ئۈستىدە كېڭىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى