باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 90 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

2019.01.22 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 21-يانۋار مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: دەسلەپكى ھېسابلاشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 90 تىرىليون 30 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارى تۇنجى قېتىم 90 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى 2-ئورننى مۇقىم ساقلىغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سېلىشتۇرما باھاغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، 2018-يىلى جۇڭگونىڭ GDPسى 2017- يىلىدىكىدىن %6.6 ئېشىپ، %6.5 ئەتراپىدىكى مۆلچەرىي تەرەققىيات نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلىق ئورنىنى ساقلىغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلتۇر ئېلىمىزدە 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.2 بولۇپ، 2017-يىلىدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن، GDPنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %59.7 بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپى يەنىلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان. بۇلتۇر ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر