- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: نۆۋەتتە، دېھقان ئىشلەمچىلەرگە 5 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىش ھەققى قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلدى
2019.01.21 15:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ يېقىندا ئاچقان سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيۇ شياۋپىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جايلار بۇلتۇر 11- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بېرىلىش ئەھۋالىغا ئائىت مەخسۇس تۈردىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ 100 كۈنلۈك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. شۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ھازىرغا قەدەر، جايلاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قىلىش دېلولىرىدىن 28 مىڭى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ھەمدە دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلگەن ئىش ھەققى تەمىناتى 157 مىليون يۈەنگە يەتتى.
كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە، ئۆز تەۋەلىكى ۋە ھەر قايسى تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قىلىشتەك مەسىلىلەر تۈزىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىنىدۇ. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرلۇش پۇلى ئەمەلىيلەشتۇرۇلمىگەنلىك تۈپەيلىدىن ئىش ھەققى نېسى قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى دەرھال ھەيدەكچىلىك بىلەن سەپەرۋەر قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئالدىن تۆلەپ بېرىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۈرگەن باشقا كارخانىلار چاغاندىن بۇرۇن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇلدى. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بۇيرۇلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئىش ھەققىنى بېرىش ۋاقتىنى مۇددەتتىن ئۆتكۈزۈۋېتىشتەك بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلمىغانلارغا قارىتا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ؛ ئىش ھەققىنى نېسى قىلغانلار دەپ «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈشكە ئۇيغۇن كىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈش كېرەك؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، ھەمدە كەڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى قوللىرىغا ئېلىشىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ چاغان ئۆتكۈزۈشىگە تىرىشىپ ياردەم قىلىش كېرەك.
دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بەش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ھالدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ئارقىلىق، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بېرىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈم مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك:
بىرىنچىسى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشتىكى بۇ خىزمەتنىڭ كادىرلارنى يىللىق باھالاشتا كۆرسىتىدىغان رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باھالاشتا چوقۇم ئۆز تەۋەلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچىسى، نۇقتىلىق تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قىلىش مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ئەھۋاللارغا قارىتا، قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەشكە كېپىللىك قىلىش ۋە قۇرۇلۇش جەريانىنى راسچوت قىلىشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا، قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۆلەك ھۆددىگە ئېلىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش ۋە ھۆددىگە بېرىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق بۇ خىل گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇشتا ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىدە ئىسلاھات قىلىشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى شىركەتلەشتۈرۈپ ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچىسى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ خىزمەتتە چوقۇم قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان تۈرلەردىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن قانۇنىي جەھەتتىن ئەمگەك توختامى تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەمدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى چوقۇم "ئۆزلىرىنىڭ راست نامى بىلەن قۇرۇلۇشتا ئىشلەش" تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك.
تۆتىنچىسى، رېۋىزىيە قىلىپ قانۇن ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇتۇش كېرەك.
بەشىنچىسى، لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر