باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى سەنئەت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سۇپىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىك مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى:

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى

2019.01.09 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىسمەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىنكاس قىلغان سەنئەت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سۇپىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىك مەسىلىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 7-يانۋار مۇنداق جاۋاب بەردى: ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىش، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مۇددىئاسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

  ھازىر دەل سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى. بەزى ئوقۇغۇچىلار قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرى ھاۋالە قىلغان 3-تەرەپ تىزىملىتىش سۇپىسىدا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئوڭۇشلۇق تىزىملىتالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتنى تەشكىللەشكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر مەسئۇل بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆز مەكتىپىنىڭ تور پونكىتىدا تىزىملىتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىنكاس قىلغان قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ئۆزى ھاۋالە قىلغان 3-تەرەپ تىزىملىتىش سۇپىسىدا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىك مەسىلىسىگە مائارىپ مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنى تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىش، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش مۇددىئاسى بار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر چىقارغان ئۇقتۇرۇشقا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر