- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى مەنئى قىلدى
2019.01.03 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، جايلاردىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، ئومۇمەن ئىشقىۋازلىق، زوراۋانلىق، تور ئويۇنى، سودا ئېلانلىرى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ قاتارلىق مەزمۇنلار بايقالغان APP دېتاللىرىنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغان APP دېتاللىرى، ئۈندىدار سالونلىرىنى شۇ جايدىكى تور ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا دوكلات قىلىش لازىم. كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن APP دېتاللىرىنى ئېھتىياتچانلىق قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشىنى ئەسكەرتىش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر