خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، دۆلەت باج باش ئىدارىسى لايىھەلەپ ياسىغان شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APP دېتالى 1.1.3 نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. يېڭى نۇسخىدا ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى تەلەپ بويىچە مەجبۇرىي تولدۇرۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. خەۋەر ئېلان قىلىنغىچە بولغان ۋاقىتتا، بۇ قوللىنىشنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى ئاندىرويىد قوللىنىش بازىرىدا يېڭىلاندى، ئالما Store APP دا تېخى يېڭىلانمىدى.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APP دېتالى يېڭىلانغاندىن كېيىن، ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ «تەبىئىي شەخىس» دەپ تاللىغاندا، ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ سالاھىيەت نومۇرى «تاللاپ تولدۇرۇش» ھالىتىگە ئالمىشىدۇ؛ ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ تۈرىنى «تەشكىلات» دەپ تاللىغاندا، ئىجارىگە بەرگۈچى ئورۇننىڭ نامى «تاللاپ تولدۇرۇش» ھالىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۆي ئىجارە ھەققى ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش جەريانىدا، ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ «تەبىئىي شەخىس» بولغاندا، ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ سالاھىيەت نومۇرى ئورنىدا «كىرگۈزۈڭ» دېگەن سۆز كۆرۈنەتتى. ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ «تەشكىلات» بولغاندا، ئىجارىگە بەرگۈچى ئورۇن نامىدا «تولدۇرۇڭ» دېگەن سۆز كۆرۈنەتتى.
بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ۋاقىتلىق چارە» رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرىدە مۇنداق بەلگىلەندى: باج تاپشۇرغۇچى ئاساسلىق خىزمەت قىلىدىغان شەھەردە ئۆزىنىڭ ئۆيى يوق سەۋەبىدىن تۆلەيدىغان ئۆي ئىجارە ھەققى چىقىمى ئالاقىدار ئۆلچەم بويىچە ھەر ئايدا 800 يۈەن بولسا، ھەر ئايغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان نورمىدا 1500 يۈەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم بىر تورداش تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرىنى تولدۇرىدىغان چاغدا ئۆي ئىگىسى بىلەن زىددىيەت پەيدا بولغان، ئىجارە ئالغۇچى ئۆي ئۇچۇرىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى «باجنى تولۇقلاپ» تاپشۇرۇشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئۆي ئىگىسى ئىجارىگە ئالغۇچىغا تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرىنى مەلۇم قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، ھەتتا بەزى ئۆي ئىگىلىرى ئەگەر ئىجارە ئالغۇچى داۋاملىق بۇ تۈرنى ئىلتىماس قىلسا، ئىجارە ئۆينى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى