خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، شىئەن شىمالىي پويىز ئىستانسىسى ئوق پويىز ۋاگونىدا، پويىز باشلىقى (سولدىن ئۈچىنچى) چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇندۇق بېشى لۆڭگىسىنى رەتلەشنى ئۆگەتمەكتە. شۇ كۈنى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئۈچ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي بولۇپ، شىئەن شىمالىي ۋوگزالىغا كەلدى. ئۇلار جۇڭگو تۆمۈريولى شىئەن يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوق پويىزنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بىلەن تونۇشۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى ئىگىلىدى. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، چەت ئەللىك پىدائىي ئوقۇغۇچىلار شىئەن-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا چىقىپ، نۆۋەتچى خادىملار بىلەن بىرلىكتە يولۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى