باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە

2018.12.19 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈندە، بالىلار بارغانسېرى ئېگىز، كۈندىن كۈنگە قامەتلىك بولۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پىسخىكىسى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى «بۈگۈنكى زامان پىسخولوگىيەسى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى بەش قائىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئوخشاشلا مۇھىم. كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا چىش چوتكىلاش، كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، لېكىن پىسخىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ كۈچلۈك پىسخىكىسىنى تەربىيەلەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە پىسخىكىلىق ساپا تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى، پىسخىكىسى كۈچلۈك بولۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكا مۇتەخەسسىسىنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىشى لازىم.

  ئىككىنچى، كەيپىيات- ھېسسىياتى توغرىلىق پاراڭلىشىش لازىم. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %60 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆگىنىش جەھەتتىن مەكتەپكە كىرىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن پىسخىكا، كەيپىيات جەھەتتە تېخى تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولىدىكەن. كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئۈمىدسىزلىك، تەشۋىشلىنىش ۋە يالغۇزلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالدىدا غەزەپ ۋە ھاياجاندىن باشقا كەيپىياتلىرىنى ناھايىتى ئاز ئىپادىلىسە، بالىلار تۈرلۈك كەيپىياتلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى بىلەلمەي، كەيپىياتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ماھارىتى كەمچىل بولىدىكەن. ئاتا-ئانىلار كۈندىلىك سۆھبەت جەريانىدا كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم سۆزلەرنى قىستۇرۇپ، بالىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى سۆزلەپ بەرسە، بالىلىرىنىڭ كەيپىياتنى پەرق ئېتىش ھەمدە ئاكتىپ، ساغلام ھالدا كەيپىياتىنى باشقۇرۇشىغا ياردىمى بولىدىكەن.

  ئۈچىنچى، بالىلارغا رېئاللىقنى مۇلاھىزە قىلىشنى ئۆگىتىش لازىم. بالىلار ئۆزىدىن گۇمانلىنىش، ئۆزىنى ئەيىبلەش، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن چاغدا، ئائىلە باشلىقلىرى ئۇلارغا مەسىلىگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراشنى، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىشى لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئويىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ، مەسىلەن: «نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇن مەن دائىم ھەر خىل ئىشلاردىن ئەنسىرەيتتىم، بىراق ئۆزۈمگە ‹تەييارلىقنى قىلىپ بولدۇم، پەقەت تىرىشساملا، چوقۇم ياخشى جارى قىلدۇرالايمەن›، دەپ ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەتلەرنى بېرەتتىم»، دېگەندەك.

  تۆتىنچى، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ھەرىكەتنىڭ ناچار كەيپىيات ۋە ھېسسىياتنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر مەكتەپتە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسا، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بەزى ئىشلارنى قىلسا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: «مەن سەل ھېرىپ قاپتىمەن، لېكىن ئۆيدىكىلەرگە كەچلىك تاماق ئېتىپ بەرسەم مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىدا بولىمەن»، دېيىشكە بولىدۇ.

  بەشىنچى، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئورنىدا قىلىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى بىرلىكتە ئامال ئويلىشىپ بېرىشى لازىم. كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئوڭۇشلۇق بولۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ماھارىتى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەت كېرەك. بالىلار مەسىلىگە يولۇققاندا، ئاتا-ئانىلار مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىش خىيالىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ھەمدە بالىلارنى ئاۋۋال ئۆزى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، ئاندىن بىللە مۇزاكىرە قىلىپ، ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر