باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ

2019.01.07 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «2019-يىللىق ئەتىيازلىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلدى. شىنجاڭدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھەر قانداق شەكىل بىلەن مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقانداق شەكىلدىكى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىشىغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ، «مۇندەرىجە» ئىچىدىكى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى باھاسى ئالاقىدار ئۆلچەم بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭدا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا چوقۇم ئۆزى خالىغان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھەر قانداق شەكىل بىلەن مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىشىغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مەجبۇرلىشىغا، مەكتەپكە كىرىپ تەشۋىقات قىلىشىغا، تەۋسىيە قىلىش ۋە سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن «مۇندەرىجە» ئىچىدىكى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالسا ھەمدە مەكتەپنىڭ ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشىنى ئىلتىماس قىلسا، مەكتەپ ھەر بىر خىلى بىر يۈرۈشتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتىرىيالىنى بىر تۇتاش ۋاكالىتەن سېتىۋالسا بولىدۇ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم، ئارىدىن پايدا ئېلىشقا بولمايدۇ، «مۇندەرىجە» سىرتىدىكى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

  شىنجاڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «مۇندەرىجە» ئىچىدىكى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ئاپتونوم رايونلۇق باھا مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغان ئۆلچەم بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، تەستىقسىز ئۆز مەيلىچە باھانى ئۆستۈرگەن ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان «مۇندەرىجە» ئىچىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر