باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، «قاندا ماي ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، قان قەنتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى»نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، جىگەرنى ماي قاپلاش ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ

2019.01.21 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، بولۇپمۇ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتنى كۆپ يەپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. «ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى گېزىتى»گە بېسىلغان شىۋېتسىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىشنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولى بار ئىكەن.

  شىۋېتسىيە كارولىنىسكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماتىئاس كارىستېلو دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر گۇرۇپپا چاشقانغا يېمەكلىك ياغ تەركىبى يۇقىرى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىگەرنى ماي قاپلاش خەتىرىنى زورايتقان. كېيىن بىر قىسىم كىچىك چاشقانلارغا نىترات قوشۇپ بەرگەن (يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا كۆپ مىقداردا نىترات بار)، نەتىجىدە بۇ چاشقانلارنىڭ جىگىرىنى ماي قاپلاش خېيىم-خەتىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان. تەتقىقاتچىلار يەنە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئادەم بەدىنىدىكى جىگەر ھۈجەيرىسى يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، كىچىك چاشقاندا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئۇندىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە شۇنى بايقىغان، نىترات بېرىلگەندىن كېيىن، ئىككىلەمچى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چاشقاننىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، ئىنسۇلىن سەۋىيەسى ياخشىلانغان. بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتاتلاردىكى نىتراتنىڭ يىپسىمان تەنچە ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بار بولۇپ، بەدەننىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋە زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىش جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئىككى چوڭ سەۋەب، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ئۈنۈملۈك دورىسى يوق. بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېگەندە، نىترات كىسلاتا تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپىيىپ، جىگەردىكى ماينىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدىكەن، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە يەل-يېمىشنى قوشۇپ يېگەندە، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

  نۇرغۇن كىشىلەر يەل-يېمىش ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ قان شېكىرىنى ھەمدە ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلماقچى بولغان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، مېۋىنى قۇرۇتۇپ يەل-يېمىشكە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، قەنت مىقدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، تەمى تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ ياغ تەركىبى كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ توپتىكى كىشىلەر بۇلارنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى يېمەكلىك ئوزۇقلۇقى ۋە ئانالىز تەجرىبىخانىسى بۇ توغرىسىدا ئالاقىدار سىناق ئېلىپ بېرىپ، يەل-يېمىش شېكىرىنىڭ ئېشىش كۆرسەتكۈچى ۋە ھەمدە بىر قىسىم گۈرۈچ تامىقىنى يەل-يېمىش ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىگە ئالماشتۇرۇپ تەڭشىگەندىن كېيىن، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى ئۈسىتىدە ئىزدەنگەن.

  سىناق ئۇسۇلى: تەتقىقاتچىلار تەلەپكە ئۇيغۇن، ساغلام سىناق قوبۇل قىلغۇچىدىن 11نى تاپقان، ئۇلارغا ئۈچ تۈرلۈك سىناق تامىقىنى يېگۈزگەن، ھەر قېتىملىق تەجرىبىدە بىر تۈرلۈك سىناق تامىقىنىڭ بىر خىلىنى بەرگەن، تاكى بارلىق ماسلاشتۇرۇلغان تاماقنى يەپ بولغىچە ھەر ئىككى قېتىملىق سىناق ئارىلىقىدا ئاز دېگەندە بىر كۈن پەرق بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ئۈچ تۈردىكى سىناق تامىقى تۆۋەندىكىچە بولغان:

  (1) تۈردىكىلەر ئايرىم–ئايرىم قۇرۇق ئۈزۈم، ئالما قېقى، چىلان، ئۆرۈك قېقى ۋە گۈرۈچ تامىقى قوبۇل قىلغان، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئوتتۇرىچە 50 گرام بولغان.

  (2) تۈردىكىلەر يېرىم مىقداردىكى گۈرۈچنى تەركىبىدە تەڭ مىقدارلىق (25 گىرام) كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان قۇرۇق ئۈزۈم، ئالما قېقى، چىلان، مېۋە قېقىغا ئالماشتۇرغان.

  (3) تۈردىكىلەرگە ئىككىنچىسى ئاساسىدا ، ھەر خىل مېۋە قېقى قوشۇلغان گۈرۈچ تامىقىغا يەنە 30 گىرام بادام قوشقان.

  سىناق قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھەر قېتىم ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇنقى ئاچ قورساق ۋە تاماق يەپ تۆت سائەتتىن كېيىنكى قان شېكىرى سەۋىيەسىنى ئۆلچىگەن.

  تەجرىبە نەتىجىسى:

  1. مېۋە قېقىنىڭ شېكەرنى ئاشۇرۇش كۆرسەتكۈچى گۈرۈچ تامىقىدەك يۇقىرى بولمىغان: تۆت خىل مېۋە قېقىنىڭ شېكەر كۆرسەتكۈچى ئايرىم-ئايرىم 56، 43،55 ۋە 56، گۈرۈچ تامىقىنىڭ 81 بولغان.

  2. يېرىم مىقداردىكى گۈرۈچ تامىقىدا تەڭ مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان مېۋە قېقىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، شېكەر كۆرسەتكۈچى يەنىلا پۈتۈنلەي گۈرۈچ ئىستېمال قىلغاننىڭكىدىن تۆۋەن بولغان. يەنە ئايرىم-ئايرىم 77، 65، 77 ۋە 75 بولغان.

  3. بىر قىسىم گۈرۈچ تامىقىنى مېۋە قېقىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئوچۇم بادامنى كۆپ يېسىمۇ، شېكەر كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلىمايلا قالماستىن، بەلكى ھەممىسى روشەن تۆۋەنلىگەن. يەنى ئايرىم-ئايرىم 54 ،60 ،52 ۋە 64 بولغان، ھەمدە تاماقتىن كېيىنكى تۆت سائەتتىكى قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇش دەرىجىسى كىچىكلىگەن.

  خۇلاسە:

  1. يېمەكلىكنىڭ شېكەر كۆرسەتكۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ تاتلىق تەم بولۇشى ياكى بولماسلىقىنىڭ مۇقەررەر باغلىنىشى يوق.

  2. بىر ۋاقلىق تاماق تەمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىر نەچچە كاپام گۈرۈچ تامىقىنى ئاز يەپ، بىر نەچچە تال يەل-يېمىشكە ئالماشتۇرسا، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. مۇشۇ ئاساستا يەنە بىر نەچچە تال بادامنى قوشۇمچە قىلسا، يەنە تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

  تەھلىل: مېۋە قېقىنىڭ قەنتى گەرچە قويۇلدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، يېمەكلىك تالاسى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار قاتارلىقلارمۇ قويۇلىدىكەن، قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ئۆسۈملۈك ستېرول ۋە پولىفېنول قاتارلىقلار بار بولۇپ، قان تومۇرنى قوغداشتا ۋە قاندىكى ماينى تەڭشەشتە بەلگىلىك رولى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر