باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان

2019.01.15 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ھۆكۈمەت تور پونكىتىدا دۆلەت مائارىپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خېبېي، سەنشى، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، گۇيجوۋ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)نىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىنى ئېلان قىلغان. پىكىردە مۇنداق دېيىلگەن: ئالتە ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) مەلۇم قىلغان ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت بەلگىلىگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ناھىيە باھالاش ئۆلچىمىگە توشقان، لېكىن قىسمەن جايلاردا يەنىلا مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى ساقلانغان.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئالتە ئۆلكە مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشى ئاساسىي جەھەتتىن باھالاش ئۆلچىمىگە يەتكەن، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پەرق كوئېففېتسېتى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكەن، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشى دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە توشقان، ئاممىنىڭ ئۆز ناھىيەسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسى ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لەر تەكشۈرگەن ئەھۋاللارغا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇن بولغان.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا، دۆلەت ۋە ئۆلكە بېكىتكەن ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، مەلۇمات جەدۋىلىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ قېتىملىق نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش باھالاش نەق مەيدانىدا تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)دا يەنە بىر قىسىم ئاجىز ھالقىلار ۋە مەسىلىلەر ساقلانغان.

  خېبېي ئۆلكىسى مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان 35 ناھىيەدە، مائارىپ راسخوتىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، قىسمەن مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى يېتەرلىك بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلما خاراكتېرلىك يېتىشمەسلىك زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇش، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلىش، مەكتەپنىڭ قېلىپلاشقان، ئىنچىكە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.خۇنەن ئۆلكىسى مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان 18 ناھىيەدە، مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇش، قىسمەن مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولۇش، پەن مەخسۇس دەرسخانىسى كەمچىل بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك مەسىلە ساقلىنىش، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان 43 ناھىيەدە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى نىسبەتەن ئېغىر بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي شارائىتى يېتەرسىز بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى يەنىلا قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  گۇيجوۋ ئۆلكىسى مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان 32 ناھىيەدە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ، سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى يەنىلا ئېغىر بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي شارائىتى يەنىلا ئاجىز بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سالمىقى يېتەرسىز بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقى بىر قەدەر كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  خېنەن ئۆلكىسى مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان 32 ناھىيەدە، قىسمەن جايلارنىڭ مائارىپ راسخوتى سېلىنمىسى ۋاقتىدا، جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، قىسمەن جايلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى يېتەرسىز بولۇش، قىسمەن جايلاردىكى مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇش، كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلما خاراكتېرلىك يېتىشمەسلىك زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.سەنشى ئۆلكىسى مەلۇم قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان 17 ناھىيەدە، قىسمەن ناھىيەلەردىكى مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر