- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پىلانىدا 2022- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا توپ كوماندىلىرىنى 48گە كېڭەيتىشنى ئويلاشتى
2019.01.21 15:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنى ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو 17- چېسلا مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2022- يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسىدا توپ كوماندىلىرىنى كېڭەيتىپ 48گە يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى، بىر قىسىم مۇسابىقىنى قاتار ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.
2017- يىلى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېلەت تاشلاپ، 2026- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنى 32دىن 48 گىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئىنفانتىنو شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن سورۇنلاردا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022- يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسىدا 48 توپ كوماندىسىغا كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ پىلاننى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاشنى ئويلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر