باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئۈچ ئۆلكە ۋە شەھەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەمكىنلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ياخشى باشلىغان ئىشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2019.01.21 15:41   مەنبە: خەلق تورى

پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەمكىنلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ياخشى باشلىغان ئىشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا،تۆۋەندىكىدەك ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىسى، «ھالقىلىق تۇتقا»نى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى پائال تۈردە، مۇۋاپىق ھالدا ۋە تەرتىپلىك رەۋىشتە تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىسى، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشقا يۇقىرى سۈپەتتە ۋە يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىسى، بېيجىڭدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنى كۆچۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشقا يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچىسى، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ مەنبەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچىسى، سۇلىرى سۈزۈك ۋە تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىقتۇر، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىرلىشىپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچىسى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەمدە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ۋە تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىنى ئويلىشىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان تونۇپ ۋە ياخشى ئىشلەپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىقنى كۈچەيتىپ، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەمكىنلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ياخشى باشلىغان ئىشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشقا ماھىر بولۇپ،بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…