باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركېل: گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ

2019.01.21 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئىمزالايدىغان يېڭى دوستلۇق شەرتنامىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ياۋروپادا ئوينايدىغان رولى بېكىتىلىدۇ، گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  مېركېل گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدە شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ۋىدىئودا مۇنداق دېدى: «ئېلىس سارىيى شەرتنامىسى»ئىمزالانغان 56 يىلدىن كېيىنكى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى ئاچېن شەھىرىدە يېڭى شەرتنامە ئىمزالايمەن. گەرچە دۇنيادا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق گېرمانىيە-فىرانسىيە رەھبەرلىرى: گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ھەمكارلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە داۋاملاشتۇرىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

  مېركېل مۇنداق دېدى: «ئېلىس سارىيى شەرتنامىسى» گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ياۋروپادا قانداق رول ئويناش مەسىلىسىگە چېتىلمايدۇ. يېڭى شەرتنامىدە «ئېلىس سارىيى شەرتنامىسى» ئاساس قىلىنىپ، ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توغرىسىدا: «بىز ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كەلدۇق» دېگەن تېخىمۇ كۈچلۈك سادا چىقىرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر