باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز سوت مەھكىمىلىرىنىڭ لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا بىرلىشىپ ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىش سىستېمىسى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2019.01.23 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 22-يانۋار شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىجرا قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز سوت مەھكىمىلىرى لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا بىرلىشىپ ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر يەككە ئارىلىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، بىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۇچۇر ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ شياڭ يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 1746 ئادەم (قېتىم) ئايروپىلان بېلىتى، 547 ئادەم(قېتىم) ئوق پويىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنى چەكلىدى. مەملىكەت بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغان 3 مىليون 510 مىڭ ئىجرا قىلىنغۇچى ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بېسىمى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلىكىدىن ئادا قىلدى.

  مېڭ شياڭ مۇنداق دېدى: ئۇچۇر يەككە ئارىلىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇر خاتىرىسى نىسبەتەن كەمچىل بولۇش، بولۇپمۇ ئۇل خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك ئىگىلەش كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۇچۇر ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئالاقىدار قانۇن ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھات تۈزۈپ ئېلان قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىشىپ ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىشنىڭ قانۇن ئۆلچىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەتئىي قانۇن، ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇتقۇزۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارغا ئىناۋەت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىش بىلەن ھوقۇقىنى قوغداش تەڭپۇڭلىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە لەۋزىدە تۇرغانلارنى مۇكاپاتلاش ئىككى تەرەپ، ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجرا خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەقدىرلەپ مۇكاپاتلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر