- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك
لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
2019.01.24 11:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ئاساستا خۇلاسىلەنگەن، مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، توغرا ئانالىز قىلىنغان، 2018-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ يارقىن نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، 2019-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر ئون جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پىكىر يولى ئېنىق، تەدبىرلەر كونكرېت، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەتئىي ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلغان بولۇپ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلگەن، ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە يادرو قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، نېگىز قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئاچقۇچ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشىدا بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشىدىن بولغان.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەۋى تونۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك؛ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئاقسۇ ۋىلايىتى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۈچ تۈرلۈك قاتتىق ۋەزىپىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قىشلىق ھۇجۇمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، بۇ يىل نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قەرەلىدە قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، «10 مىڭ كەنتنى تۈزەش، مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاش كېرەك؛ ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر