باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2018-يىللىق مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەتىيازلىق ئويۇن پەسلى — «بىر نىيەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋر» چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى

2018.05.07 16:14   مەنبە: خەلق تورى

2018-يىللىق مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەتىيازلىق ئويۇن پەسلى — «بىر نىيەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋر» چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى «بىر نىيەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى دەۋر» 4-ماي كەچتە بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى.

  كېچىلىك «بېيجىڭدىن تارالغان خۇش خەۋەر يىراق چېگراغا يېتىپ كەلدى» ناملىق نومۇر بىلەن باشلىنىپ جۇاڭزۇ، موڭغۇل، قىرغىز، ئۇيغۇر، دۇڭزۇ، زاڭزۇ، خۇيزۇ، ياۋزۇ، يىزۇ قاتارلىق ئون نەچچە مىللەتنىڭ ناخشا، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرى نامايان قىلىندى، «بىرلىكتە مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن ئىدىيە كېچىلىكنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يىل بېشىدىن باشلاپ، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى رەھبەرلىرى رېژىسسورلار گۇرۇپپىسىنى بۇ كېچىلىككە تەييارلىق قىلىشقا تەشكىللىگەن، 3-ئايدا، رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى خۇنەن، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەلئىچى ئىجادىيەتلىرىنى توپلاپ، ئەلئىچىدىن ئىجادىيەت ئوزۇقى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام ئالغان، شۇڭا بۇ كېچىلىكتە يېڭى ئىجاد قىلىنغان نەچچە ئەسەر بارلىققا كەلگەن. بۇ كېچىلىكتە نومۇرلار يېڭى بولۇپلا قالماي، سەنئەت ۋاسىتىلىرىدىمۇ ھەم يېڭىلىق يارىتىلغان.

  بۇ قېتىمقى كېچىلىكنىڭ باش تېما ئىدىيەسى ھەققىدە گەپ بولغاندا، كېچىلىكنىڭ ئەسىرىنى يازغۇچىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى ۋاڭ شياۋشيا مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق ئۇلۇغ دەۋر، بۇنداق ئوتتەك قىزغىن تۇرمۇش ئىجادىيەت خادىملىرىنى مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ پۈتمەس دېڭىزىدا تۈگىمەس بايلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. كېچىلىكىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئاساسەن، ئەسەردە يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى مۇساپە زىچ چۆرىدىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەركەزداش ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتىپ، مەركەزداش كۈينى ئورتاق يېزىپ چىقىشتەك گۈزەل ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنى قۇرۇشتىكى خۇشاللىق كەيپىياتى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

  كېچىلىكتە پۇمى مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي شەكىلدىكى سىرلىق مېھمان تەكلىپ قىلىش نادىر ئۆزگىچە نومۇرلىرى ئورۇنلاندى.

  دۇلۇڭ مىللىتى ۋە قىرغىز مىللىتى ئېلىمىزدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر. ۋاڭ شياۋشيا ناخشا تېكىستىنى يازغان دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ «چېگرا رايون بىلەن بېيجىڭ بىللە» ناملىق ناخشىسى ۋە ياش رېژىسسور كې شۇجيەن تەييارلىغان قىرغىزچە ئۇسسۇل «شادىمان قۇمۇز» ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ دالىدا خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى توپلىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، تاماشىبىنلارغا بىر خىل ئۆزگىچە كەيپىيات ئاتا قىلدى.

  چۈبى ئاۋۇ، لەن جيەن، روزى ھامۇت قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار نۇرغۇن ياش ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە نومۇر ئورۇندىدى، ئېسىل نومۇرلار، يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى. پايتەختتىكى ھەر ساھە تاماشىبىنلار مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رەڭگارەڭ سەنئىتىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەۋر رېتىمىنى ھېس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر