خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 6-ماي چۈشتىن كېيىن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جاكارتادىكى سۇكارنو-خادا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ، ھىندونېزىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.
لى كېيچاڭ كابىنىدىن چىققاندا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار تىزىلىپ ھۆرمەت سالىمى بەردى. ھىندونېزىيە دېڭىز-ئوكياننى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى لۇخۇت قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەن، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ شىليەنمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە مۇھىم قوشنا دۆلەتلەر، رەئىس شى جىنپىڭ 2013-يىلى ھىندونېزىيەگە زىيارەتكە كەلگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ يىل دەل جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. بۇ قېتىم سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كەلدىم. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ مۇھىم ھەمراھى، بۇ يىل دەل جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. جۇڭگو ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنا ئەللەر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى