خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، گېرمانىيە تېرىردا، ماركس ھەيكىلىنىڭ ئاپتورى، جۇڭگولۇق ھەيكەلتىراش ۋۇ ۋېيشەن باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.
شۇ كۈنى، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىدا، جۇڭگو ھەدىيە قىلغان ماركس ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ماركسنىڭ يۇرتى — گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر تىرېردا ئۆتكۈزۈلدى. ھەيكەلنىڭ ئېغىرلىقى 2.3 توننا، ئېگىزلىكى 4.6 مېتىر كېلىدۇ، تەگلىكنى قوشقاندا ئومۇمىي ئېگىزلىكى 5.5 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگولۇق ھەيكەلتىراش ۋۇ ۋېيشەن ئىجاد قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى