باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭدا ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش، خورلاش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدىغان بولدى

2018.05.07 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىلار بىخەتەر رايونى قۇرۇش، تورخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ئېچىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش، بوزەك قىلىش، خورلاش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىش، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا بىردەك تەخىرسىز ھالدا قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پىكىردە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، شەھەر باشقۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ بەلگىلىك دائىرىسى ئىچىدە بىخەتەرلىك رايونى تەسىس قىلىپ، ئېنىق بەلگە ئورنىتىپ، بۇ رايون ئىچىدە مۇھىت بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلىدىغان كارخانا، ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش، تورغا چىقىش كەسپى، كۆڭۈل ئېچىش، لاتارىيە مەخسۇس سېتىش ئورنى قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئورۇنلارنى تەسىس قىلىشنى چەكلەيدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەكتەپ ئىچى بىخەتەرلىك باشقۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىگە مەكتەپ ئىگە بولىدۇ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەكتەپ مۇدىرى (باغچا باشلىقى) مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن بىرسى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. مەكتەپ ئەتراپىنى توسۇۋالىدىغان ئىشلار قەتئىي چەكلىنىپ، مۇئەللىملەرنى ئۇرۇش، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق «مەكتەپتە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش» قىلمىشلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە خورلىنىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن، نەنجىڭ شەھىرىدە ناچار، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بار ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى ياكى مەكتەپنىڭ قانۇنچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئىجتىمائىي تەنبىھ بېرىدۇ. جىنايەت خاراكتېرى ۋە قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان ئوقۇغۇچىلارغا قەتئىي قانۇن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  پىكىردە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى قانۇن بويىچە بېكىتىش، ناۋادا مەكتەپنىڭ مەسئۇليىتى بولمىغان ئەھۋالدا ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر