باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

تەدبىر قوللىنىلىپ كارخانا قۇرۇش ۋاقتى ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش ۋاقتى %50 تىن كۆپرەك قىسقارتىلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ؛ «ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ۋاقىتلىىق نىزامى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2018.05.03 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا تەدبىر قوللىنىپ كارخانا قۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى %50 تىن كۆپرەك قىسقارتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ «ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ۋاقىتلىىق نىزامى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تىكى ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش -- تىجارەت- سودا مۇھىتىدا ساقلىنىۋاتقان كارخانا قۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلىتىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ھالقا كۆپ بولۇش، ۋاقتى ئۇزاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ئازايتىپ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىنى كۈچىنى ئورغۇتۇشقا پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: كارخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشتىن تارتىپ ئادەتتىكى تىجارەت شەرتىنى ھازىرلاشقىچە بولغان بېجىرىش ھالقىلىرى يەنىمۇ قىسقارتىلىدۇ. بىرىنچىدىن كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانىنى ئېلېكتىرۇنلاشتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، ئالاھىدە بەلگىلىمىدىن سىرت كارخانىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدىن تەستىقلاش يولغا قويۇلمايدۇ. تامغا ئويۇشنى ئەنگە ئېلىش «نەچچە كېنىشىنى بىرلەشتۈرۈش» تۈرىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى تامغا ئويغۇچى ئورۇننى ئىختىيارى تاللىسا بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود نۇمۇرى كىرگۈزۈلگەن تىجارەت كېنىشكىسىنى ئالغان كارخانىلار بۇنىڭدىن كېيىن باج تارماقلىرىدا ئايرىم تىزىملاتمىسىمۇ بولىدۇ، ئايرىم ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تىزىملىتىش كېنىشكىسى تارقىتىلمايدۇ، تالۇن ئىلتىماس قىلىش ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى تىزىملاش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ. بۇ يىل ھەر قايسى بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر، پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، ئورۇنباسار ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى %50 تىن كۆپرەك قىسقارتىدۇ، يەنى ھازىرقى 20 نەچچە خىزمەت كۈنىدىن 8.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ، باشقا جايلارمۇ كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى پائال قىسقارتىشى كېرەك، كىلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۇقىرىقى ئۆلچەم پۈتۈن مەملىكەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر