باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىن فىرانكفورتقا بارىدىغان مەخسۇس يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلان تۇنجى قېتىم قاتنىدى

2018.05.04 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ماي 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باكۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاندىن فىرانكفورتقا بارىدىغان بوئىن 8F -747 تىپلىق مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودۇرۇمىغا قوندى، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن فىرانكفورتقا ئۇچىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يۈك ئايروپىلانى قەرەللىك بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئۇچىدىكەن، ئايرۇپىلاننىڭ يۈك مىقدارى 100 توننا، بۇ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى تۈگۈنىنى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش سۈرئىتى دېڭىز تىرانسپورتىدىن تېز بولسىمۇ، يەنىلا ئون نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن ياۋروپاغا بارالايتتى، مەخسۇس يۈك توشۇش ئايروپىلانىنىڭ تىرانسپورت ۋاقتى پەقەت يەتتەـ سەككىز سائەت بولۇپ، مالنىڭ يېڭى پېتى ساقلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم يېڭى پېتى ساقلاش تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېڭى يېمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ماللارنىڭ توشۇلۇشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر