باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-ئۈرۈمچى ھەمكارلىقىدا ئۈچ چوڭ پىسخىكا سەھىيە مەركىزى قۇرۇلىدۇ

2018.05.04 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ ئەندىڭ دوختۇرخانىسى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ ئەندىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن خامۇشلۇق كېسىلى، ياشانغانلاردىكى روھى توسالغۇغا ئۇچراش، بالىلار پىسخىكا گىگېنىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردە داۋالاش پىسخىكا سەھىيە مەركىزى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پىسخىكىلىق سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، ماس قەدەمدە، گوموگېنلىق، سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.

  شۇ كۈندىكى يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى دۆلەتلىك روھىي پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمكارلىشىش تەتقىقات تورىنىڭ ئەزا ئورۇنىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ ۋېنشىڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئەندىڭ دوختۇرخانىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى روھىي ساغلاملىق ئىنستىتۇتى، دۆلەتنىڭ دورا كىلىنىكىلىق تەتقىقات بازىسى، مەملىكەت بويىچە روھىي كېسەللىكلەر ئۈزلۈكسىز مائارىپ بازىسى، مەيلى تېخنىكا كۈچى ياكى پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى جەھەتتە بولسۇن مەملىكەت بويىچە روھىي ساغلاملىق سەھىيەسى ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر ياردەم بېرىش، مەخسۇس كەسىپ بويىچە ھەمكارلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىپ ئورتاق پايدا ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىمارلارنى تېخىمۇ ئەلا داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر