- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ
2018.05.03 16:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا قاراشلىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىدۇ ۋە ئاڭلىتىدۇ، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تورى ۋە خەلق گېزىتى تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىمۇ بىرلا ۋاقىتتا بىۋاستە كۆرسىتىدۇ ۋە ئاڭلىتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر