باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى: يەرلىك خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك

2018.05.04 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا قىسمەن جايلاردا ساقلانغان چىقىم سۈرئىتى ئاستىراق بولۇش، مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى جانلاندۇرۇش سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق، ۋاقىتلىق تۆلەنگەن پۇل كۆلىمى چوڭراق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، يەرلىك خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە ساقلانما مەبلىغىنى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باغلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدا مالىيە ساقلانما مەبلىغى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان جايلار ۋە تارماقلارنىڭ كېلەر يىللىق مالىيە خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئىخچاملاش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم تارقىتىش ۋە خەزىنە پۇلىنى باشقۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى تۈرلۈك خىزمەت تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىپ، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغاندىن كېيىن چۈشۈرگەن رايونلار بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى نورمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، ئۆز يېرىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىگە سۇنۇشنى ئىمكانقەدەر تېز تاماملاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز چەكلىمە سوممىسى چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەبلەغ ئاجرىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، «ئىش ھەققىگە، يۈرۈشۈشىگە، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان» مەبلەغلەرنىڭ ۋاقتىدا ئاجرىتىلىپ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ مەبلىغىنى ئىمكانقەدەر تېزراق ئاجرىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر