باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ بۇلتۇر چوڭ-چوڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتقان جايلارنى تەكشۈرۈپ رىغبەتلەندۈردى

2018.05.04 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2017-يىلى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق چوڭ-چوڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان 25 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، 82 شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)، 116 ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) نى تەكشۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈپ، 24 تۈرلۈك مۇناسىپ قوللاش تەدبىرىنى قوللاندى. بۇ، بۇلتۇر تەكشۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان 2-قېتىملىق تەكشۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈش خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەكشۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈلگەن جايلار شان-شەرىپىنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-،3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش رېتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، مىخ روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم-كۈتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر