- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 880 مىليون يۈەن بولدى
2018.05.03 16:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا ماس كەلگەن. ساياھەت بازىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجى ئوخشاشلا ياخشى بولغان بولۇپ، مۇقىم داۋاملاشقان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12گىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرى 1 مىليون 295 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 880 مىليون يۈەن بولغان.
دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى جايلاردا گۈللەر ئېچىلىپ، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا ماس كەلگەن، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆيلىرىدىن چىقىپ مەنزىرە ساياھىتى، گۈل تاماشىسى قىلىپ، ئىستىراھەت بىلەن كەيپىياتىنى كۆتۈرگەن. شەھەر ئەتراپى ساياھىتى، قىسقا مەنزىللىك ئەتراپ ساياھىتى، ئائىلە بويىچە ساياھەت قىلىش، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئۆمەك بىلەن ساياھەت قىلىش ساياھەتتىكى ئاساسلىق تاللاش بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر ئىچىدە، شىنجاڭلىقلار ئومۇمىي ساياھەتچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار %70 تىن ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر