باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە رۇسىيە جاسۇسىنىڭ «زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلۈش» ۋەقەسىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى جەزملەشتۈرەلمىدى

2018.05.03 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مارك سىدۋېل 1-ماي مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە تەرەپ رۇسىيە جاسۇسى سېرگى سىكرىپالنى «زەھەرلەپ» ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تېخى جەزملەشتۈرەلمىدى.

  رۇسىيەنىڭ سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى سىكرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزى يۇۋرىيا 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ سالىسبۇرى شەھىرى كوچىسىدا ھوشسىز ھالەتتە بايقالغان. ئەنگلىيە تەرەپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ياسالغان «نوۋىگىياك» ناملىق نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى دورا تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان ۋە رۇسىيەنى «پەردە ئارقىسىدىكى قاراقول» دەپ كۆرسەتكەن. رۇسىيە بۇنى ئىنكار قىلغان ۋە ئەنگلىيەنى «ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

  «زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش» ۋەقەسى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىگە سەۋەبچى بولغان بولۇپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 1991-يىلىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاخىرلاشقاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان.

  ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى سىدۋېلدىن «زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش» ۋەقەسىگە قارىتا جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتتىڭلارمۇ، دەپ سورىغىنىدا، سىدۋېل ئۇنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  سىىدۋېل مۇنداق دېدى: سىكرىپالنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ ۋە ئاخبارات خادىملىرى ئىلگىرى يۈز بەرگەن 14 قېتىملىق قاتىللىق دېلوسىنى تەكشۈردى.

  سىدۋېل ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە ئەنگلىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر تۈركۈم رۇسىيەلىكلەرنى قوغدىماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر