باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 12 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.05.04 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى»دە 3-ماي جايلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 12 مەسىلە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. بۇ يۇقىرىقى مەخسۇس سەھىپىنىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى يولغا قويغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئاشكارىلىشى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان مەسىلىلەر بېيجىڭ، سەنشى، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، چېتىلغان مەسىلىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بايراملىق سوۋغات قوبۇل قىلىش-بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان زىياپەتكە قاتنىشىش مەسىلىسى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى خۇسۇسىي ئىشقا ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات سېتىۋېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن دېلولار چاغان، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق ھېيت-بايراملارنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن، بۇلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولى ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر