باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنىستىتۇتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىغا ئەۋەتكەن جاۋاب خېتى

2018.05.02 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنىستىتۇتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرسىدىكى يولداشلارغا:

  ياخشىمۇسىلەر! «1-ماي»خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئىنتايىن خوشال بولدۇم. سىلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندىڭلار، ھازىر يەنە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىسىلەر، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، خالىس تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان غەمخورلۇقى.

  سوتسىيالىزم ھەقىقىي ئىشلەشتىن كەلگەن، يېڭى دەۋرمۇ ھەقىقىي ئىشلەشتىن كەلگەن، سىلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىش ئورنۇڭلاردا داۋاملىق جان تىكىپ ئېلىشىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىڭلارنى، جاسارىتىڭلار، شىجائىتىڭلار، ئىجتىھاتىڭلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىلھام بېرىپ، بارلىق ئەمگەكچىلەرنى يېڭى دەۋرنىڭ ئەمگەك قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەن ئىزچىل مۇنداق تەكىتلەپ كەلدىم: ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ قەدىرلىك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل. جەمئىيەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  «1-ماي»خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، سىلەرگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرگە بايراملىق سالام يوللايمەن.

  شى جىنپىڭ

  2018- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى)

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر