باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېيتسارىيەنىڭ ئالپىس تېغىدا تۇيۇقسىز قاتتىق قار يېغىپ، بەش نەپەر تاغقا چىققۇچى توڭلاپ قازا قىلدى

2018.05.02 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېيتسارىيە ساقچى تەرەپنىڭ 1-ماي بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئون نەچچە نەپەر تاغقا چىققۇچى ئالپىس تېغىدا تاغقا چىقىۋاتقاندا، بىر كېچە ياغقان قاتتىق قارنىڭ زەربىسىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەشى توڭلاپ قازا قىلغان، تۆتىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.

  شىۋېيتسارىيە ۋاللې ئوبلاستلىق ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى سۈرۈشتۈلمەكتە ئىكەن. شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش تارماقلىرى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى يەتتە تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، ئالپىس تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارولا چوققىسى ئەتراپىدىن فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىن كەلگەن 14 نەپەر تاغقا چىققۇچىنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

  ئۇلار جىددى ھالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ساقچى تەرەپنىڭ 30-ئاپرىل ئېيتىشىچە، قۇتقۇزۇلۇپ ئېلىپ چىقىلغانلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆتەيلەن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان، بەش كىشىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە بولۇپ، يەنە بىرسى بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قازا قىلغان.

  بۇ تاغقا ياماشقۇچىلار شۇ كۈنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3157 مېتىر كېلىدىغان بىر ياتاقتا تۈنىمەكچى بولغان، بىراق تاسادىپىي ئىنتايىن ناچار ھاۋا كىلىماتىغا دۇچ كېلىپ قېلىپ، ياتاققا بارالماي قالغان ۋە ئامالسىز دالىدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر