باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋاڭ دەنفىڭ شاڭخەيدە ئالەمدىن ئۆتتى

2018.05.04 14:06   مەنبە: خەلق تورى

داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋاڭ دەنفىڭ شاڭخەيدە ئالەمدىن ئۆتتى

  بۇ، ۋاڭ دەنفىڭنىڭ 20- نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى. (2017- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي كىنوچىلىقى ئارتىسلار تىياتىر ئۆمىكىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 90 ياشتىن ئاشقان داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋاڭ دەنفىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنى شاڭخەيدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ۋاڭ دەنفېڭ جېجياڭ نىڭبودىن بولۇپ، 1941- يىلىدىن باشلاپ كىنوچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، «يېڭى بېلىقچىلار كۈيى» ناملىق كىنودا رول ئېلىپ شۆھرەت قازانغان، كېيىن يەنە «ئۈچ تال گۈل»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ۋە «ياشىسۇن ئوقۇتقۇچى» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ، ۋاڭ دەنفېڭ شاڭخەي كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ ئارتىسى بولغان، ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «سىستېرانىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، «ئايال ساتىراچ» ۋە « شاپتۇل گۈللۈك يەلپۈگۈچ» قاتارلىقلار بار. نەچچە ئون يىللىق سەنئەت ھاياتىدا، ۋاڭ دەنفېڭ 50 نەچچە خىل ئوبراز ياراتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر