باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دومىنىكا زۇڭتۇڭى مەدىنە -

دومىنىكا بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت دۆلەت ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ

2018.05.03 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى دانىلو مەدىنە 1- ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت دۆلەت ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت تەسىس كېرەك قىلىنمايدۇ، دومىنىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

  مەدىنە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پۇئېرتو پورتىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تاپشۇرۇلۇش مۇراسىمىدا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدە دومىنىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان قارارى بولسا، تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن بولغان قارار بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىغا ئورنىتىلغان.

  مەدىنە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، دومىنىكا ئەگەر يەنە دۇنيادا جۇڭگوغا ئوخشاش 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھېسابلىنىدىغان دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىسا، ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دومىنىكا خېلى بۇرۇنلا جۇڭگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك ئىدى، شۇڭا مېنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشتا مەسئۇلىيىتىم بار. دومىنىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ، شۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ دومىنىكانىڭ ئارزۇسىدۇر.

  بېيجىڭ ۋاقتى 1- ماي كۈنى، جۇڭگو دومىنىكا بىلەن دىپلوماتىك قوشما ئاخبارات ئىمزالاشتى، ھەمدە ئاخبارات ئىمزالاشقان كۈندىن باشلاپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىش ۋە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر