باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك

2018.05.04 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى›نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ نام ۋە شان-شەرىپىگە زىيان يەتكۈزگەن دېلو يىپ ئۇچلىرىنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش جەھەتتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ نام ۋە شان-شەرىپىگە زىيان يەتكۈزگەن دېلو يىپ ئۇچلىرىنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇشى، تاراتقۇلاردىن دېلو يىپ ئۇچىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىدا دېلونىڭ يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى ئورگانلىرى قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىللە، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى بىلەن بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمى ئورنىتىپ، قانۇننى تەتبىقلاش، دەۋا تەرتىپى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ۋاقىتتا ماسلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر