باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەرزان باھالىق دورىلارنى تىزىملىك تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بىكار قىلىندى

2018.05.04 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزان باھالىق دورىلارنىڭ باھاسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، ئەرزان باھالىق دورىلارنى تىزىملىك تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەگەر دورىلارنىڭ ئەمەلىي سېتىلىش باھاسى ئەرزان باھالىق دورىلارنىڭ كۈندىلىك باھا ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان بولسىلا، (يەنى غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كۈندىلىك باھاسى ئۈچ يۈەندىن، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كۈندىلىك باھاسى بەش يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسىلا)، ئۇنداق دورىلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ئەرزان باھالىق دورىلارغا ئالاقىدار سىياسەتلىرى بىردەك ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئەرزان باھالىق دورىلارنىڭ ئەمەلىي سېتىلىش باھاسى كۈندىلىك باھا ئۆلچىمىگە ماس كەلمىسە، ئۇنداق دورىلارغا قارىتا ئەرزان باھالىق دورىلارغا قويۇلغان ئالاقىدار سىياسەتلەر ئىجرا قىلىنمايدۇ. باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ئەرزان باھالىق دورىلارنى تىزىملىك تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇشتىكى دۆلەتلىك سىياسەت داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا دېيىلىشىچە، ئەرزان باھالىق دورىلارنى تىزىملىك تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، دورىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئۇنىڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانىلار ئەرزان باھالىق دورىلارنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىش ياكى ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە سېتىۋېلىشقا قاتنىشىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئەرزان باھالىق دورىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە سېتىۋېلىشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەرزان باھالىق دورىلارنى توردا سېتىۋېلىش پائالىيىىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدىكەن؛ ئەرزان باھالىق دورىلارنى باشقۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت كارخانىلىرى ئادىل بولۇش، قانۇنلۇق بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش پرىنسىپلىرى بويىچە، باھانى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە دورىلارنى پارچە سېتىش دۇكانلىرى باھانى ئېنىق يېزىپ، باھانىڭ نىسبەتەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەرزان باھالىق دورىلارنىڭ باھاسىنى باشقۇرۇشتىكى سىياسەتلەرگە ئەمەل قىلماسلىقتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر