باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

2018.05.03 16:18   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «4-ماي» ياشلار بايرىمى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەكتەپداشلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش خىزمەتچىلەردىن بايراملىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بارلىق ياشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  باھارنىڭ ئاخىرقى مەۋسۈمى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، ھاياتى كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خاۋ پىڭ، مەكتەپ مۇدىرى لىن جيەنخۇانىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن لىنخۇشۈەنگە كېلىپ، «يېڭى دەۋر-بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكىسكورسىيە قىلدى. قەدىمى پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان لىنخۇشۈەنگە قويۇلغان كۆرگەزمە تاختىسىغا سۈرەت بىلەن چۈشەندۈرۈش سۆزى كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. شى جىنپىڭ تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن نەتىجىلىرى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە مول نەتىجە ھاسىل قىلدى، قوش ئىلغار قۇرۇلۇشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى، مەكتەپنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى ئېنىق بولدى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇنى كۆرۈپ مەمنۇن بولدۇم. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن. بىز دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئالىي مائارىپنى ياخشى قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

  لىنخۇشۈەننىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كىچىك قورو ۋېيمىڭخۇ كۆلىگە يېقىن بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. شى جىنپىڭ قوروغا كېلىپ، قىسمەن نوپۇزلۇق پىروفېسسورلار ۋە ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلىنى يوقلىدى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جياڭ لاڭلاڭ، دېڭ شياۋنەن، ۋاڭ جىسى، لىن يىفۇ، چيەن چېڭدەن، شېن دەن، دۇ ۋېيمىڭ، ئامېس قاتارلىق نوپۇزلۇق پېشقەدەم پىروفىسسورلاردىن باشقا يەنە، پېڭ فىڭ، چۈ جىڭدۇڭ، يۈ مياۋجيې قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: پېشقەدەم پىروفېسسورلارنىڭ ساغلام، تېتىك تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سىلەر ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، قولۇڭلاردىكى قەلەمنى توختاتماستىن، ئىجتىھات بىلەن ئادەم تەربىيەلەپ، پارتىيە ۋە خەلققە ياراملىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە پائال تۆھپە قوشتۇڭلار، سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئامېرىكىلىق خەنزۇشۇناسلىق ئالىمى ئامېس ئەپەندى « مۇھاكىمە ۋە بايان»، «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار تەدبىرلىرى» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، 2013-يىلى 6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۇڭزىچىلىق تەلىماتى يىغىنى تارقاتقان «كۇڭزى مەدەنىيەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا ئۇنىڭ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتىن كەلگەنلىكىنى، جۇڭگوغا كەلگەنلىكىگە قانچىلىك بولغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنگەن-كۆنمىگەنلىكىنى سورىدى ھەم ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەت ئەللەرگە تېخىمۇ كۆپ تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى يەنە ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېشقەدەم مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن ئۆگىنىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا داۋاملىق ئىخلاس بىلەن ئىزدىنىشىگە مەدەت بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر