باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يىللىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى ئون چوڭ دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2018.05.07 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ئىدارىسى يېقىندا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت كەسپى ۋەكىللىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، پىدائىيلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر دۆلەت بىلىم مۈلۈك ئىدارىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆرگەزمىخانىسى، پاتېنت كۆرگەزمە زالى، پاتېنت قوبۇل قىلىش زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە پاتېنت تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  بۇ يىللىق دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئۆزگىرىۋاتقان تۈرتكە: ئاياللارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەتكە قاتنىشىشى» بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى زور تۆھپىسى نامايان قىلىندى. ئېچىۋېتىش كۈنىنى باشلاش مۇراسىمىدا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ئىدارىسى پاتېنتنى قايتا تەكشۈرۈش كومىتېتى 2017-يىللىق پاتېنتى قايتا تەكشۈرۈشتە ئىناۋەتسىز ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 2017-يىللىق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئون چوڭ تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى نەشرىياتى نەشر قىلغان «مەنمۇ كەشىپ قىلالايمەن» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 1-قىسمى تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى گېزىتىنىڭ «IP كې» APPسى يولغا قويۇلدى. لىيەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى باش نازارەتچىسى چېن يۈەنچىڭ ئاياللارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەتكە قاتنىشىشتىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر