باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى: يەتتە مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ جەڭدە ئۈچ يىلدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2018.05.07 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ فۇنكسىيەسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى، كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر قانداق قانات يايدۇرۇلىدۇ؟ مۇخبىر ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرى لى گەنجيېنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  لى گەنجيې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىر بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق شارائىتى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باسقۇچقا كەلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى يېڭى تارىخىي ئېگىزلىككە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئېلىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ماكرولۇق ئىقتىسادىي مۇھىت ياراتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ۋە جۇغلانمىلار نۆۋەتتىكى مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ ماددىي، تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  لى گەنجيې مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەل جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دىزېل يۈك ئاپتوموبىلى بۇلغىنىشىنى تۈزەش، شەھەرلەردىكى سېسىق سۇنى تۈزەش، بوخەي دېڭىزىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مەنبەسىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتىن ئىبارەت يەتتە مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە مۇھىم تۇتقا قىلىپ، جەڭ پىلانى ۋە لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ، نىشان-ۋەزىپە، مۇھىم تەدبىر ۋە كاپالەتلەندۈرۈش شارائىتلىرىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ يىلدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر