باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئەرلەر تىكتاك توپ كوماندىسى دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئۇدا توققۇز قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

2018.05.07 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەرلەر تىكتاك توپ كوماندىسى 6-ماي ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق دۇنيا تىكتاك توپ كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گېرمانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە ئۇدا توققۇز قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگو ئەرلەر تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ تارىختا 21-قېتىم سۇۋايتلىنگ لوڭقىسىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو كوماندىسى شۇ كۈنى مەيدانغا ئەترەت باشلىقى ما لۇڭ، ئىلگىرى ماھارىتىنى ئىزچىل مۇقىم جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان شۈ شىن ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەرلەر يەككە ئويناش ماھىرى فەن جېندۇڭنى چىقاردى، گېرمانىيە كوماندىسى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان بول، ئەھۋالى ياخشى بولۇۋاتقان فرانزىسكا ۋە فىلۇسنى چىقاردى، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئوۋاتچاروۋ يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقالمىدى.

  چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوخشاش ما لۇڭ تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقتى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باشلىقى كونا رەقىبى بول بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئانچە قىينالمىدى، 11:4، 11:8، 11:3 نەتىجە بىلەن 1-مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتى. 2-مەيداندا فەن جېندۇڭ 11:4، 11:5، 11:4 نەتىجە بىلەن ئۇدا ئۈچ قېتىم فىلۇسنى مەغلۇپ قىلدى.

  ئۈچىنچى بولۇپ مەيدانغا چىققان شۈ شىن ئىلگىرى ماھارىتىنى ئىزچىل مۇقىم جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى. لېكىن بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كورېيە ماھىرى جۇڭ يوڭسىكنى مەغلۇپ قىلىپ گېرمانىيە كوماندىسى ئۈچۈن ھالقىلىق نومۇر ئالغان فرانزىسكا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، شۈ شىن 9:11 نەتىجە بىلەن 1-قېتىمدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئىككىنچى قېتىمدا ئىككى تەرەپ ئالمىشىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، شۈ شىن 10:9 نەتىجە بىلەن ھالقىلىق نومۇرغا ئېرىشىپ، رەقىبى تىرىشىپ تەڭلەشكەندىن كېيىن ئۇدا ئىككى نومۇر ئېلىپ 12:10 نەتىجە بىلەن ئۇتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى قېتىمدا شۈ شىن مۇسابىقىنى كونترول قىلىۋالدى. ئۇنىڭ «سەنئەت پۇرىقى»غا تولغان ئويناش ئۇسۇلى ئارقا-ئارقىدىن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۈ شىن 11:7، 11:5 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە يېڭىپ، جۇڭگو كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر