باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2018.05.04 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماركس دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى 5- ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىزنىڭ ماركسنى خاتىرىلىشىمىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرغا ھۆرمەت بىلدۈرگىنىمىزدۇر، شۇنداقلا بىزنىڭ ماركسىزمنىڭ ئىلمىي ھەقىقىتىگە بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ماركسىزم باشتىن ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتنى قوغلىشىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالىمىزدۇر. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاۋالقىدەكلا ماركسنى ئۆگىنىشى، ماركسىزمنى ئۆگىنىشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى، ماركسىزمدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلمىي پاراسەت ۋە نەزەرىيە كۈچى ئېلىشى لازىم، تېخىمۇ تەۋرەنمەي، تېخىمۇ ئىشىنىپ، تېخىمۇ ئەقلىي ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ماركس، ئېنگىلىس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگو زېمىنىدا جانلىق نامايان قىلىشى لازىم.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر