باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 420 مىڭغا يەتتى

2018.05.07 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 5- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە، دۆلىتىمىزدە بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقان پىدائىيلارنىڭ سانى 420 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىشنىڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئاشقان.

  2015- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدە بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىدىغان ۋە ئەزا كۆچۈرۈدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، ئىئانە قىلىنغان بەدەن ئىچكى ئەزاسىنىڭ سانى 16مىڭ 500غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىز بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغانلارنىڭ سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. لېكىن، دۆلىتىمىزدە بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددى ھالەتتە تۇرماقتا. دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشكە مۇھتاج بولۇپ ساقلاپ تۇرىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى 300 مىڭچە، ئەمما، بۇ سانغا سېلىشتۇرغاندا، بەدەن ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشكە ئېرىشەلىگەن بىمارلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر