باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئەلئارا ئېلىم-بېرىم قەرزلەرنى قېلىپلاشتۇردى

مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قانۇنسىز ھالدا قەرز پۇل تارقىتىش ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2018.05.07 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، جۇڭگو بانكىسىنىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى باش بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، دۆلەت بازار نازارىتى ۋە باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ھەمدە جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق ئورگان ۋە تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، «ئەلئارا ئېلىم-بېرىم قەرز ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قوغداشقا ئائىت ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەلئارا ئېلىم-بېرىم قەرز ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلىگە دائىرە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئەلئارا قەرزلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ كەلدى، لېكىن زورلۇق بىلەن قەرز سۈيلەشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرى ھېسابلىنىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ ھەرىكەتلەر ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە تەرتىپى، ھەمدە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نورمال پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئەلئارا ئېلىم-بېرىم قەرز ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئەلئارا مەبلەغنىڭ ساغلام ۋە تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىش، پۇل مۇئامىلە قانۇنىغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو بانكىسىنىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»نى بىسىپ تارقاتتى.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھوقۇقلۇق ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلىماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قەرز پۇل تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئاساسلىق شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتنى تەسىس قىلىش ياكى قەرز پۇل تارقىتىشنى كۈندىلىك كەسپىي پائالىيەت قىلىشقا بولمايدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۆۋەندىكىدەك قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك: جامائەت ئامانىتىنى قانۇنسىز ھالدا قەرز قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىش، جەلپ قىلىش خاراكتېرىدىكى قانۇنسىز مەبلەغلەرنى توپلاشتىن يىغىلغان مەبلەغلەردىن پايدىلىنىپ ئەلئارا قەرز پۇل تارقىتىش؛ قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قانۇنسىز قاماش، ھاقارەت قىلش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق قەرز سۈيلەش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئاندىن يەنە يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرىش؛ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارغا قانۇنسىز قەرز پۇل تارقىتىپ، ئېنىق ھالدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى يوق قەرز پۇللارنى تارقىتىش، ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە نامدا تاۋار سېتىش، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سوممىلىق ئۆسۈم (ھەق) ئېلىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قەرز تارقىتىش دېگەندەك قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى مەزكۇر ئورۇندىكى ئاساسلىق ئەزا ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ تەشكىللىك ھالدا ئەلئارا قەرزلەرنى قانات يايدۇرۇشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر