خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئابلەت خەۋىرى) شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە يوپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىسىنىڭ ئوتتۇراپاۋان (12) كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنت كومىتېتىدىكىلەر بىلەن پائال ماسلىشىپ، كەنتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ، سەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كەنت ئاممىسىنى يېڭى دەۋردىكى زامانىۋىي كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىدى.
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ يىللىق «4-ماي» ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كەنت دېھقانلار كەچ كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە كەنتتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، «يېڭى دەۋرگە ئەگىشىپ، <4-ماي> روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى قىياپەتتىكى ياشلاردىن بولايلى» باش تېما قىلىنغان پائالىيەت ئېلىپ باردى.
پائالىيەتتە كەنتتىكى بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى ئىتتىپاققا كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتىلىدى، ئىككى نەپەر ئىتتىپاق ۋەكىلى «دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» ئېلىپ باردى، ئاندىن مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر كەچ كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. ئارقىدىن دېھقانلار كەچ كۇرسىنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار «قايناق ياشلىق»، «كىچىك ئالما» قاتارلىق يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، دېھقانلارنى شادلاندۇردى. دېھقانلار كەچ كۇرسىنىڭ خور ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار راۋان دۆلەت تىلىدا «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، «ياشلىق مېلودىيەسى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پائالىيەت جانلىق، قىزغىن تۈسكە كىرگۈزۈلدى. كەنت ئاممىسى ئابلىكىم ھەسەن ئىجراسىدىكى ئۆزى ئىجاد قىلغان يالغۇز كىشىلىك ناخشا «كومپارتىيەگە كۆپ رەھمەت»، قىزلار ئۇسۇلى «جەزبىدار قىزلار» قاتارلىق نۇمۇرلار كۆرسىتىلدى. پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇۋەلى ئابلەت پائالىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «4-ماي» ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيتىمىزگە تەييارلىق قىلغىلى بىر ئايدىن ئارتۇق بولدى، بۇ جەرياندا دېھقانلار كەچ كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە كەنتتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى سەنئەت يېتەكچىسى مىرئادىل راخماننىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاردىم–تالدىم دېمەي مەشىقكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، بۈگۈنكى بۇ ئۇتۇقلۇق بولغان پائالىيەتنى روياپقا چىقاردى، بىز بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت ئارقىلىق «4-ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىنىڭ روھىنى كەڭ ياشلارغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە ياشلاردىن بولۇشقا چاقىرىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان-دىلى بىلەن قوغدايدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە دادىللىق بىلەن ئالدىدا ماڭىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا يېتەكلەيمىز».
(ئاپتور: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇنىڭ يۇپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىسى ئوتتۇراپاۋان (12) كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى